Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
视敏度
ئۇنىۋېرسال
视 觉 敏 锐 度
shì mǐn dù
كۆزنىڭ ئۆتكۈرلۈك دەرىجىسى
Dمائارىپ
shì mǐn dù
كۆرۈش سەزگۈرلۈكىDتاشيول قۇرۇلۇشى
shì mǐn dù
كۆرۈش سەزگۈرلۈكىDتېببىي
shì mǐn dù
كۆرۈش سەزگۈرلۈكى
بىئولوگىيە
كۆرۈش سەزگۈرلۈكى
<كۆرۈش كۈچى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆرۈش سېزىمى ئورگانلىرىنىڭ جىسىمنىڭ شەكىل ھالىتىگە بولغان ئىنچىكىلەپ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، يەنى كۆزنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولغان ئىككى نۇقتا ياكى ئىككى سىزىقنى ئېنىق پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. كلىنىكىدا ئادەم كۆزىنىڭ كۆرۈش سەزگۈرلۈكى ئادەتتە كۆرۈش كۈچى جەدۋىلى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. كۆرۈش كۈچى جەدۋىلىدە يوچۇقلىرى بولغان ئۆلچەملىك ھالقا سۈرەتلەر (ياكى E ھەرپ سۈرىتى) قوللىنىلىپ، سىناق قىلىنغۇچىنى جەدۋەلدىن بەش مېتىر ئارىلىقتا تۇرغۇزۇپ ئۆلچەملىك ھالقىنىڭ يوچۇقلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى پەرق ئەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. بۇ چاغدا يوچۇقتىن چىققان ئىككى يورۇقلۇق نۇرى كۆزگە چۈشكەندىن كېيىن تۈگۈندە كېسىشىپ شەكىللەنگەن بۇلۇڭ گرادۇسى كۆرۈش بۇلۇڭى دېيىلىدۇ. سىناق قىلىنغۇچىنىڭ كۆزى پەرق ئېتەلمىگەن يوچۇقنىڭ ئىككى نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئارىلىقنىڭ ئىپادىلىگەن كۆرۈش بۇلۇڭى سىناق قىلىنغۇچىنىڭ كۆرۈش سەزگۈرلۈكى ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈش بۇلۇڭى قانچە كىچىك بولسا كۆرۈش سەزگۈرلۈكى شۇنچە يۇقىرى، كۆرۈش كۈچى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. كلىنىكىدا نورمال كۆزنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنى كۆرۈش بۇلۇڭى بىر نومۇر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، كۆرۈش كۈچى 0.1 قىلىپ ئېلىنغان. كۆرۈش كۈچى 0.1 دىن چوڭ بولسا، كۆرۈش سەزگۈرلۈكى يۇقىرى؛ 0.1 دىن كىچىك بولسا، ئۇ چاغدا كۆرۈش سەزگۈرلۈكى تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ. يورۇقلۇق نۇرى كۆز كۆرۈش پەردىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئويمان جايغا چۈشسە كۆرۈش سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىدىن باشقا، كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش سىستېمىسىمۇ كۆرۈش سەزگۈرلۈكىگە تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن، يېقىننى كۆرۈش، يىراقنى كۆرۈش، نۇر يىغالماسلىق قاتارلىقلار. جىسىم تەسۋىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە توغرا، ئېنىق فوكۇسلىنالماي قالسا تەسۋىرنىڭ ئېنىقسىز، كۆرۈش سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كۆرۈش كۈچىنى ئۆلچىگەندە كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنىمۇ تەكشۈرۈش لازىم.