Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
史料学
دۇنيا تارىخى
تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق
تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش، رەتلەش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ،تارىخشۇناسلىقنىڭ ياردەمچى تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېتەرلىك دەرىجىدە تارىخىي ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىش - تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى. ماركسىزمدىن ئىلگىرىكى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق گەرچە مول ماتېرىياللارنى توپلىغان، كۆپلىگەن تەھلىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە سىنىپىي كۈرەشتىن ئايرىپ قاراپ، ئۇلارنى ئىدېئالىزم نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي - ماتېرىياللارنى تاللاش، ئىشلىتىشتە سىنپىي چەكلىمىككە ئۇچرىغاچقا، ھەتتا تارىخىي ماتېرىياللارنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچىلامۇ بولغان. ماركسىزملىق تارىخىي ماتېرىياللارنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي - ماددىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراپ، بەزى ئۇسۇللارنى، مەسىلەن، قەدىمكى يېزىقشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، كاتالوگىيە، كىتابشۇناسلىق، ئېپىگرافىيە، تامغىشۇناسلىق، ئارخىپشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەتبىقلاپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەپ تۈزىتىش، تۈزۈش ۋە شەرھلەپ - يېشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ راست - يالغانلىقى، توغرا - خاتالىقى، قىممىتى، مەنبەسى، ئاپتورى ھەم يېزىلغان ياكى شەكىللەنەەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاشنى؛ زور مىقداردىكى مۇرەككەپ تارىخىي ماتېرىياللارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتىنى يەكەنلەش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇۇرشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مائارىپ
shǐ liào xué
تارىخىي ماتېرىياللار ئىلمى