Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
施莱辛格
دۇنيا تارىخى
سلېسىنگېر
(1888 - 1965) ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1912 - يىلدىن باشلاپ، ئوخىئو شتاتلىق داشۆسى، ئايوۋا شتاتلىق داشۆسى ۋە خارۋارد داشۆلىرىدە تارىخ پەنلىرىبويىچە پروفېسسور بولغان. 1942 - يىلى ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. شەھەرلەرنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى تەكىتلەپ، جەمئىيەت تارىخنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. ئەسەرلىرىدىن: <1763 - 1776 - يىللاردىكى مۇستەملىكە سودىگەرلىرى ۋە ئامېرىكا ئىنقىلابى>، <شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى>، <ئامېرىكا تارىخىدىكى يېڭى كۆز قاراش> قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ <ئامېرىكا تۇرمۇش تارىخى> ناملىق بىر يۈرۈش كىتابنى تۈزۈپ چىققان.