Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
十二条款
دۇنيا تارىخى
12 ماددا
گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىۋابېن رايونىدىكى قوزغىلاڭچى ئارمىيە 1525 - يىلى 3 - ئايدا تۈزگەن 12 ماددىلىق كۈرەش پروگراممىسى. ئاساسىي مەزمونى مۇنداق: كىچىك ئۆشرە - زاكاتنى ئېلىپ تاشلاش؛ يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش؛ ھازىر ساقلانغان فېئوداللىق ھۆججەتلەر ئاساس قىلىنغان ئەمگەكنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، باج - سېلىقنى يەڭگىللىتىش؛ دېھقانلارنىڭ كەنت ۋە كوپىراتىپنىڭ ئورتاق ئىگىدارچىلىقىدىكى دەريا، كۆل، يەر، تاغ، ئورمانلىقتىن ئىختىيارىي پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش؛ مىراس بېجىنى بىكار قىلىش ۋەھاكازالار. 12 ماددىلىق پروگرامما فېئوداللىققا قارشى مۆتىدىل پروگرامما بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاللىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.