Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
十二年停战协定
دۇنيا تارىخى
12 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى
ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. 1581 - يىلى نېدېرلاندىيىنىڭ شىمالىي ئۆلكىلىرىدىكى ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىدە، ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرلەشمە ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتى (يەنى گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى) قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. كەينىدىنلا ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىسپانىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ غالىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. 1609 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅲ گوللاندىيە بىلەن 12 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، گوللاندىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە گوللاندىيە سودىگەرلىرىنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ ھىندى ئوكيان رايونىدىكى مۇستەملىكىلىرى بىلەن سودىلىشىشقا رۇخسەت قىلدى. 1162 - يىلى كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشۇپ، ئۇرۇش قايتىدىن باشلانغانىدى. ئاخىرىدا 1648 - يىلدىكى <ۋېستفالېن سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن ئىسپانىيە گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.