Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شيەنشەن ئارىلى
دۇنيا تارىخى
闲山岛
xián shān dǎo
چاۋشىيەن كىيونسان - نامدو ۋىلايىتى توكيىڭ ناھىيىسىنىڭ جۈيجى ئارىلىنىڭ غەربىي جەنوبىدىكى كىچىك بىر ئارال. جەنوب دېڭىز ياقىسى سۇ يۇلىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. رىنچېن ۋەتەن ئۇرۇشىدا چاۋشىيەن بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى جەڭقىلغان ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. 1592 - يىلى (شۇەنزۇنىڭ 25 - يىلى) 6 - ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 73 دانە ھەربىي پاراخوتى(چوڭ پاراخوت 36، ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوتى 24، كىچىك تىپتىكى كېمە پاراخوتى) جۈيجى ئارىلىغا كەلگەن. 7 -ئاينىڭ 7 - كۈنى جيەن نايلياڭ(توڭيىڭ ناھىيىسى شيادىڭ يېزىسى دېخو مەھەللىسى)غا كىلىپ توختىغان. سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى لى شۇنچىن، سىللا ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى لى يىچى، كىيونسان ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى يۇەنجۇنلار بىرلەشمە ھەربىي فلوتتا قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلانغان. ئىككىنچى كۈنى ئۇلار دۈشمەننى ئالداپ، جەننايىلياڭدىن شيەنشەن ئارىلى دېڭىز ئەتراپىغا ئىلىپ كەلگەن. چاۋشىيەن دېڭىز ئارمىيىسى تۇرنا قانىتىسىمان سەپ تۈزۈپ تشپاقا كېمىلىرىنى ئاۋانگارت قىلىپ، ياپونىيە فلوتىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ جەڭگە كىرگەن ھەربىي پاراخوتلىرىدىن 59(چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت 35، ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوت 17، كىچىك تىپتىكى پاراخوت يەتتە) پۈتۈنلەي يوقاتقان، قالغان 14 پاراخوت چاۋشىيەن ھەربىي فلوتىنىڭ قوغلىشى بىلەن ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيسىنىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەڭلا بېسىپ كىرىشتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى چاۋشىيەننىڭ دېڭىز ئۇرۇشى تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنچى يىلى لى شۇنچىن قوشۇمچە چۈنچوڭ، سىللا، كىيونسان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش چاۋۇش بېگى بولغان. 7 - ئايدا سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيسى گازارمىسىنى لىشۈيدىن شيەنشەن ئارىلىغا يۆتكەپ بىرلەشمە گازارما قۇرغان. ئەمما كېيىن لى سۇيچىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ زىندانغا تاشلانغان. 1597 - يىلى (شۇەنزۇنىڭ30 - يىلى) يۇەنجۈەن ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيسىنىڭ باش چاۋۇش بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن، بۇ چاغدا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيە دېڭىز فلوتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي گۇمران بولغىلى تاس قالغان، يۇەنجۈن قاتارلىقلار جەڭدە ئۆلگەن، كىيۇنسان ئوڭ يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيە قوماندانى پېشې قاچقاندىن كېيىن شيەنشەن ئارىلى بىرلەشمە گازارمىسى كۆيدۈرۈۋېتىلىپ چۇللا - دو ۋىلايىتىگە چېكىنگەن. بۇ ئارالدىكى ھازىرقى يۇنشو تاڭزالى ئەينى ۋاقىتتىكى لى شۇنچىننىڭ ھەربىيئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قۇرغان بارگاھى ئىدى.