Uyghurئاساسىي لۇغەت
شياۋتاۋيۈەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ نەنسىچۇي رايونىدىكى شياۋتاۋيۈەن كوچىسىدا. «شىسى (غەربىي مەسچىت)» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەسچىتنى شاڭخەيلىك مۇسۇلمان جېن زىيۇن قاتارلىق كىشىلەر مەبلەغ توپلاپ 1917 - يىلى سالدۇرغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2 مىڭ 700 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. 1925 - يىلى قايتا سېلىنغان. ئاساسىي قۇرۇلۇش خانىقا، مۇستەھەپخانا، زال، مېھمانخانا قاتارلىقلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ. خانىقا ئىككى قەۋەتلىك چاسا ئىمارەت بولۇپ، پولات چىۋىق بىلەن ياسالغان. ئۆگزىسىگە گۈمبەز سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قەۋەتتە ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ. مېھراب ئاستىن - ئۈستۈن قەۋەتلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان. ئۆگزىدە مىئزەنا بار. مىئزەنەنىڭ تۆت بۇرجىكى گۈمبەزلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئىسلام بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇ يەردە شاڭخەيگە كېلىپ كېتىپ تۇرغان مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدۇ. شاڭخەي ئىسلام جەمئىيىتى مۇشۇ مەسچىتتە.