Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شىگېنوئاكى
دۇنيا تارىخى
重野安绎
zhòng yě ān yì
(1827 - 1910) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىسمى جىنورى، لەقىمى نارىيو، ئادەتتىكى نامى ئاسۇكوكا، كامو ۋاسساللىق تۆرىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1848 - يىلى ناگايىسېدا ئوقۇغان. مېيجى يىللىرى، 1875 - يىلى تارىخ تۈزۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1877 - يىلى تارىخ تۈزۈش مەھكىمسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈش - تۈزىتىش ئەمەلدارى بولۇپ <بۈيۈك ياپونىيە يىلنامىسى>نى تۈزۈپ چىققان، 1886 - يىلى ئىچكى كابېنتنىڭ ۋاقىتلىق تارىخ تۈزۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1887 - يىلى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى، قوشۇمچە ۋاقىتلىق يىلنامە تۈزۈش ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. كۇمېكۇنېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە غەربنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى پائال تۈردە كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىمپېرىيە داشۆسى (ھازىرقى توكيو داشۆسى)دە دۆلەت تارىخى بۆلۈمىنى تەسىسى قىلغان ھەمدە مەملىكەتلىك تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. خەنزۇچە شېئىرلارنى يېزىشقا ئۇستا. ئاساسلىق تارىخىي ئەسەرلىرىدىن <دۆلەت تارىخىدىن ئۆرنەك>، <بۈيۈك ياپونىيە يېڭىلىققا كۆچۈش تارىخى>، <يوشكىكونىڭ تەرجىمىھالى>، <دۆلەت تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي تىزىس> ۋە <نارىيو ئەسەرلىرى> قاتارلىقلار بار. كېيىن <دوكتور شېگنونىڭ تارىخشۇناسلىققا ئائىت ئىلمى ماقالىلىرى توپلىمى> نەشىر قىلىنغان.