Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەئىي قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىدىغانلارنىڭ مەككە شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى ئارىلىقى 420 مېتىر كېلىدىغان سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم بېرىپ - كېلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى بۈۋى ھەجەر ئۇسساپ كەتكەن ئوغلى ئىسمائىلغا سۇ ئىزدەپ مۇشۇ ئارىلىقتا يەتتە قېتىم يۈگۈرگەن. ئاخىر ئىسمائىلنىڭ سوڭى ئاستىدىن سۇ چىققان. كېيىن كىشىلەر بۇنى <زەمزەم بۇلىقى> دەپ ئاتىغان. ھەج قىلىدىغانلار سەئىي قىلىپ بۇ ئىشنى خاتىرىلەيدۇ.