Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرتلىك رېفلېكس
بىئولوگىيە
شەرتسىز رېفلېكس ئاساسىدا تىكلەنگەن رېفلېكس پائالىيىتى بولۇپ، ئىندىۋىدنىڭ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، قارىئۆرۈكنىڭ چۈچۈمەل تەمى ئېغىز بوشلۇقىدا ئېغىز بوشلۇقى رېتسىپتورلىرىنى غىدىقلاپ رېفلېكسلىق ھالدا شۆلگەي ئاجرىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ شەرتسىز رېفلېكس دېيىلىدۇ. قارىئۆرۈك يەپ باققان ئادەملەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا قارىئۆرۈكنى كۆرسىمۇ يەنىلا شۆلگەي ئاجرىتىدۇ، دېمەك، بۇمۇ بىر خىل رېفلېكس بولۇپ، شەرتلىك رېفلېكس دېيىلىدۇ. كىشىلەر قارىئۆرۈك يېيىش ۋاقتىدا ئالدى بىلەن قارىئۆرۈكنىڭ شەكلى ۋە رەڭگىنى كۆرىدۇ، ئاندىن ئېغىز بوشلۇقىغا سالىدۇ، ئۇنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك تەمى شۆلگەي ئاجرىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا قارىئۆرۈكنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى بىلەن ئۇنىڭ چۈچۈمەل تەمى نېرۋا سىستېمىسىدا ۋاقىتلىق باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. كېيىن گەرچە قارىئۆرۈك ئېغىزغا كىرمىسىمۇ لېكىن قارىئۆرۈكنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى كۆرۈش سېزىمى ئورگانلىرى ئارقىلىقمۇ چۈچۈمەللىك غىدىقلىشىغا ئوخشاشلا رول ئويناپ، رېفلېكسلىق ھالدا شۆلگەي ئاجرىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (قارىئۆرۈك يەپ باقمىغان ئادەم قارىئۆرۈكنى كۆرسە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرالمايدۇ) ئادەم ۋە ھايۋانلار ھاياتلىق جەريانىدا شەرتلىك رېفلېكسلەر مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى، يوقىلىشى ھەم قايتىدىن تىكلىنىشىمۇ مۇمكىن، ئۆمۈر بويى ساقلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. رۇسىيە فىزىئولوكى پاۋلوۋ شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلىنى قوللىنىپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئالىي نېرۋا پائالىيەت تەلىماتىنى بەرپا قىلغانىدى.
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەم ۋە ھايۋان ئىندىۋىدىنىڭ تۇرمۇش جەريانىدا شەرتسىز رېفلېكس ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۆزگىرىشچان مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا ماسىشىش ئۇسۇلى. شەرتسىز رېفلېكس شارائىتقا نىسبەتەن مۇھىم، ئۆزگەرمەس شارائىتقىلا ماسلىشالايدۇ، لېكىن ھايۋانلار ياشاۋاتقان مۇھىت تولىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان. شەرتسىز رېفلېكىس ئارقىلىق ئورگانىزىمنىڭ مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، ھايۋان ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ. شەرتلىك رېفلېكس نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغۇچى روسىيە فىزىئولوگى پاۋلوۋ ئەڭ ئاۋال تەتقىقاتنى ئىتنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىش ھادىسىسىدىن باشلىدى. يېمەكلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق تەسىر، مەسلەن: چىراغ ياكى قوڭغۇراق ئاۋازى قاتارلىق مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچ ئارقىلىق يېمەكلىك بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە قېتىم ئىتقا تەسىر قىلىنسا، يالغۇز قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىش رىئاكسىيىسىنى پەيدا قىلالايدۇ. مۇنداق مۇناسىۋەتسىز تەسىر شەرتلىك غىدىقلىغۇچقا ئايلىنىپ، شەرتسىز غىدىقلىغۇچ - يېمەكلىكنىڭ سىگنالى بولغاندا، شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدۇ. پاۋلونىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتى ئەنە شۇ شەرتلىك رېفلېكس تەلىماتىدىن ئىبارەت. ئۇ كىشلەرنىڭ پىسخىك پائالىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى ماتېرىيالىزم ئاساسىدا پەيدا قىلدى. شەرتلىك رېفلېكس ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ نېرۋا مەركىزى چوڭ مېڭىدە بولىدۇ. پاۋلوۋنىڭ قارىشىچە، شەرتلىك رېفلېكس ھەم فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ھەم پىسخىك ھادىسە، ئۇنىڭ مېخانىزمى شەرتلىك تەسىر بىلەن شەرتسىز تەسىردىن، چوڭ مېڭە پوستىلىقىدا شەكىللەنگەن ئىككى قوزغىلىش ئوچىقىنىڭ باغلىنىشىدىن ئىبارەت. ئىككى قوزغىلىش ئوچىقى ھاسىل بۇلۇشنىڭ زامان ، ماكان، ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كۈچكۈك قوزغىلىشنى تارتىشى بىلەن، ئىككسى ئارىسىدا باغلىنىش شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئىككى قوزغىلىش ئوچىقىنىڭ باغلىنىشىدىن قارىغاندا، فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتسىز تەسىر شەرتسىز تەسىرنىڭ سىگنالىغا ئايلىنىپ، غىدىقلىغۇچىنىڭ مەنىسى بىلەن تەسىرىنى يورۇتۇپ بېرىشىگە قارىغاندا پىسخىك ھادىسە. ئادەم ۋە ھايۋانلار شەرتلىك رېفلېكسنىڭ سىگنال مەنىسىگە تاينىپ، ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تاشقى مۇھىتقا پۇختا ماسلىشىدۇ. شەرتلىك رېفلېكس شەرتسىز رېفلېكس ئاساسىدىلا شەكىللىنىپ قالماستىن، مۇستەھكەم شەرتلىك رېفلېكس ئاساسىدىمۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك شەرتلىك رېفلېكسلار شەكىللىنىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئارقىمۇ ئارقا شەرتلىك رېفلېكسلار شەكىللىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ ھەرىكەتلىرى ۋە مۇرەككەپ پىسخىك پائالىيەتلىرى ماھىيەتتە ھەممىسى مۇرەككەپ شەرتلىك رېفلېكسلاردۇر ھەم شۇنىڭدەك ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىككى يېرىم شارىدا ئېلىپ بېرىلدىغان مۇرەككەپ سىگنال پائالىيەتلىرىدۇر.