Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى مەخپىي جەمئىيەت. 1860 - يىلى سۈي جيۇ كۇڭزى ۋە بۇددا دىنى تەلىماتىنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، شەرق تەرىقىتى (شەرق تەرىقەتچىلىكى)نى تىكلەپ، كاتولىك دىنى ۋەكىللىك قىلغان <غەرب تەرىقىتى> بىلەن قارشىلاشقان. دەسلەپتە چىن شاڭداۋ تەرەپدارلىرىگە تارقىلىپ، ھۆكۈمەتنى ساراسىمىگە سالغان، سۈي جيۇ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن ئىككىنچى ئەۋلاد دىنىي كاتتىباش سۈي شىخېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان. نامرات دېھقانلار، ئىشچىلار، شەھەر ئاھالىلىرى، شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارقا - ئارقىدىن قاتنىشىپ، زور كۈچكە ئايلانغان. 1894 - يىلى شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسىدىن بولغان چۈەن بېڭجۇڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، لى سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرغان، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلەگە سالغان بۇ قوزغىلاڭ تارىختا شەرق تەرىقەتچىلىكى پىرقىسى قوزغىلىڭى، دەپ ئاتالغان. ئىچكى - تاشقى ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي پارچىلانغان. بىر قىسمى پارتىزانلىق كۈرەشكە يۈزلىنىپ، كېيىنكى ياپونغا قارشى ھەققانىيەتچى ئەسكەرلەر ھەرىكىتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. <جاۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى>غاقاراڭ.