Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شەرقىي ساموئا
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر东萨摩亚
dōng sà mó yà
تىنچ ئوكياندىكى سامۇئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بەش يانار تاغ ئارىلى بىلەن مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 197 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئەڭ ئېگىز ماتافائو چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 702 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 21℃-32℃ بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 5000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. مەركىزى پاگو - پاگو شەھىرى. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپىنى پولېنېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تونگالىقلار، ئا ق ش لىقلار، خەنزۇلار، چاۋشيەنلىكلەرمۇ بار. 1899 - يىلى ئا ق ش، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت كېلىشىمىگە ئاساسەن شەرقىي ساموئا ئاراللىرى ئومۇمىي ساموئا ئاراللىرىدىن بۆلۈپ ئېلىنىپ، ئا ق ش نىڭ رەسمىي مۇستەملىكىسى بولغان. 1953 - يىلدىن ئىلگىرى ئا ق ش نىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان. 1954 - يىلدىن ھازىرغىچە ئا ق ش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە. شەرقىي ساموئا ئىقتىسادىي جەھەتتە بانان قاتارلىق تروپىك مېۋىلىرى، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال东萨摩亚
dōng sà mó yà
ئىختىساسلىق
دائىرە: رايون ۋە پوچتا نومۇرى东萨摩亚
dōng sà mó yà
ئوكئانىيە قىتئەسى
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.