Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شەرەپلىك ئىنقىلاب
دائىرە: دۇنيا تارىخى光荣革命
guāng róng gé mìng
1688 - يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تىرىلگەن سىېئۇئارت سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1685 - يىلى كورۇل جامېس Ⅱ فرانسىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، كاتولىك دىنى ۋە فېئودالمۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، بۇرژۇئازىيە كونتروللىقىدىكى پارلامېنت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. كاتولىك دىنى مۇرىتلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇپ قېلشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1688 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پارلامېنتتىكى خۇيگلار تورىچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، جامېس Ⅱ نىڭ كۈيئوغلى، پروتېستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەمدە فرانسىيىگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغان گوللاندىيە ھۆكۈمرانى، شاھزادە ئورانگېنى كورۇلغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، جامېس Ⅱ فرانسيىگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى شاھزادە ئورانگې پارلامېنت ماقۇللىغان <ھوقۇق قانۇن لايىھىسى>گەئەمەل قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئايالى مارىي بىلەن بىللە، ئەنگلىيە كورۇلى ۋە كورۇلىۋاسى دەپ ئېلان قىلىنىپ، ۋىليام Ⅲ ۋە مارىي Ⅱ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ پادىشاھ ھوقۇقى زور دەرىجىدە چەكلىنىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇرژۇئازىيە دىكتاتورىسى ماھىيەت قىلىنغان مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورنىتىلغان. خەلق ئاممىسى قاتناشمىغان بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنى بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى<شەرەپلىك ئىنقىلاب> دەپ ئاتىغان. بۇ، ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ خاتىمىسىدىن ئىبارەت.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.