Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
神经调节
بىئولوگىيە
نېرۋا تەڭشىكى
<نېرۋا رېگۇلاتسىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش رولى. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىلار ئارقىلىق ئىچكى - تاشقى رېتسىپتور ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ؛ شۇنداقلا مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق مۇسكۇل، بەز ۋە ئىچكى ئەزا ئورگانلىرى قاتارلىق ئېففېكتورلار بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە نېرۋا سىستېمىسى رېتسىپتورلاردىن ئېنفورماتسىيە (ئۇچۇر) قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە پائالىيىتىنى مۇناسىۋەتلىك ئېففېكتورلاغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىنكاس پەيدا قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، ھەزىم قىلىش ۋاقتىدا ئوزۇقلۇقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا چاينىلىشى ئېغىز بوشلۇقى رېتسىپتورلىرىدا قوزغىلىش پەيدا قىلىپ مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىلار ئارقىلىق شۆلگەي ئاجرىتىش مەركىزىگە بېرىپ رېفلېكسلىق ھالدا شۆلگەي بەزلىرىنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نېرۋا سىستېمىسى يەنە ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇپ مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەزىم قىلىش ۋاقتىدا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىنى تەڭشەش بىلەن بىر ۋاقىتتا رېفلېكسلىق ھالدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى، ئۇيقۇ بېزى سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ھەزىم قىلىش بەزلىرىنڭ ئاجرىلىشى ھەمدە ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىق كېڭىيىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قوزغاپ ئوزۇقلۇقنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرگە كىرىپ داۋاملىق ھەزىم قىلىنىشىغا ھازىرلىق قىلىنىدۇ. شۇڭا نېرۋا سىستېمىسى رېفلېكس پائالىيەت بىلەن ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەشتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. نېرۋا سىستېمىسى ساغلام بولسا، رېفلېكس پائالىيىتى پەيدا بولمايدۇ ياكى ئورگان پائالىيىتى ماسلاشمايدۇ نەتىجىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.
تېببىي,تەنتەربىيە
shén jīng tiáo jié
نېرۋىلىق تەڭشىلىش