Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
神经节与神经核
پسىخولوگىيە
نېرۋا يادروسى ۋە نېرۋا تۈگۈنى
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئىچىدىكى نېۋروننىڭ ھۈجەيرە تېنى ( دەرەخسىمان ئۆسۈكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) گۇرۇھى نېرۋا يادروسى دېيىلىدۇ. مەسلەن، پۇرچاقسىمان يادرو، كۆزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان نېرۋا يادروسى قاتارلىقلار. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى نېۋرون ھۈجەيرە تېنى گۇرۇھى نېرۋا تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسلەن، مېڭە نېرۋا تۈگۈنى ۋە ۋىگىتاتىۋ نېرۋا تۈگۈنى.