Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
生长曲线
بىئولوگىيە
ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى
(1) تاق ھۈجەيرىلىك مىكرو ئورگانىزم (مەسىلەن، باكتېرىيە) نى مۇۋاپىق كەلگەن بىر خىل يېڭى ئۆستۈرگۈچكە ئېكىپ مۇۋاپىق شارائىتتا تەۋرىتىپ ئۆستۈرۈپ، بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئۈلگە ئېلىپ ئۇنىڭدىكى باكتېرىيىنى ساناش، ئۆستۈرۈش، ۋاقىتنى ئابسىسا، باكتېرىيە سانىنىڭ لوگارىفمىسىنى (ياكى باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى) ئوردىناتا قىلىپ، باكتېرىيىنى ئۆستۈرۈش ۋاقتى بىلەن بۇ ۋاقىتتىكى باكتېرىيە سانىنىڭ لوگارىفمىسىغا ئاساسەن، باكتېرىيە سانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆستۈرۈش ۋاقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تال ئەگرى سىزىق سىزغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەگرى سىزىق باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەگرى سىزىقتىن كېچىكىپ ئۆسۈش دەۋرى، لوگارىفىمىلىق ئۆسۈش دەۋرى، تۇراقلىق ئۆسۈش دەۋرى ۋە باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆلۈش دەۋرى قاتارلىق تۆت دەۋرنى ئېنىق ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. (2) ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ياكى ئايرىم ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن ئۆسۈش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چوڭ ئۆسۈش دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ئۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى قۇرۇق ئېغىرلىقىنى ياكى ھەجىمىنىڭ ئارتىشىنى كۆرسەتكۈچ قىلىپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدا دەسلەپكى ئۆسۈشى ئاستا، كېيىن بارغانسېرى تېز بولىدۇ. ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى تېزلىككە يەتكەندىن كېيىن يەنە ئاستىلاپ، ئاخىرىدا توختايدۇ. پۈتۈن ئۆسۈش جەريانىنىڭ ئەگرى سىزىقى S شەكىللىك بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىنى سىزىشنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن توغرا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى بېكىتىش، ئوغۇتلاش ۋە سۇغىرىش ۋاقتىنى ئىگىلەش ھەمدە ۋاقتىدا يىغىۋېلىش قاتارلىقلارغا ياردىمى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق,كومپيۇتېر,ئاسترونومىيە
shēng zhǎng qū xiàn
ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىDئۇنىۋېرسال
shēng zhǎng qū xiàn
يېتىلىش ئەگرى سىزىقى، ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى