Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
生物钟
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىلىك سائەت
<فىزىئولوگىيىلىك سائەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئچىكى قىسىمىدىكى رىتىمچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلار تاشقى مۇھىتنىڭ دەۋرلىك ئۆزگىرىشىدىن تەسىرلىنىپ (مەسىلەن، كېچە ۋە كۈندۈزدىكى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار)، ئۆز تېنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ قەدىمىنى تەڭشەپ، بەلگىلىك ۋاقىتتا باشلايدۇ، داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى توختىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان جانلىقلار تۇراقلىق شارائىت ئاستىدا بەلگىلىك دەۋرلىك ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، يالتىراق قوڭغۇز يورۇقلۇق ئاجىز بولغاندا كېچە - كۈندۈزنىڭ ېىتىمى بويىچە ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدۇ. تاشقىن قىسقۇچ پاقىنىڭ رەڭگى قۇياشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاي يورۇقىدا ئۇزۇقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ تاشقىن كېلىشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئۇنى سېزىپ، بىخەتەر ھالدا تۆشۈكىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. يەنە مەسىلەن، سەي پۇرچىقىنىڭ دەسلەپكى يوپۇرمىقى تەخمىنەن ھەر سوتكىدا بىر قېتىم دەۋرلىك ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە تۈز ئېچىلىدۇ، كەچتە تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ ئەگەر ئۇنى مۇقىم يورۇقلۇق ياكى قاراڭغۇ ئورۇندا قويسا، بۇ خىل دەۋرلىك ھەرىكەت بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە نىسبەتەن توغرا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خۇددىي جانلىقلارنىڭ تېنى ئىچىدە ۋاقىتنى ھېسابلايدىغان بىر خىل ئەسۋاب باردەك مەشغۇلات ۋاقىتنى توغرا بەلگىلەيدۇ. ئوخشاشلا ئوچۇق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى بەلگىلىك پەسىلدە چېچەكلەيدۇ، دېڭىز ساھىلى ھايۋانلىرى دېڭىز سۈيىنىڭ بەلگىلىك ۋاقتىدا تۇخۇم تۇغىدۇ، قۇشلار رىتىملىق ھالدا كۆچىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ رولى.
دېھقانچىلىق,مائارىپ,ئۆسۈملۈك,تېببىي
shēng wù zhōng
بىئولوگىيىلىك سائەتDتەنتەربىيە
shēng wù zhōng
بىئوسائەت، بىئولوگىيىلىك سائەتDئۇنىۋېرسال
shēng wù zhōng
بئولوگىيىلىك سائەت، بىئوسائەت