Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شەنگو
دائىرە: دۇنيا تارىخى掸国
dǎn guó
بىرمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى ھازىرقى بىرمىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئەتراپىدا. مىلادىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلىغان. 97 - يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭيۈەن 9 - يىلى) ئەلچى ئەۋەتىپ ئېسىل گۆھەر تەقدىم قىلغان. 120 -يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۇڭنىڭ 1 - يىلى)پادىشاھ يۇڭ يۇتياۋ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىسى ۋە سېھرىگەرلىكىنى جۇڭگوغا تونۇتقان. 131- يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسى يۈڭجيەن 6 - يىلى)يەنە جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرقىي خەن سۇلالىسى ھەر قېتىم دوستانە كۈتۈۋالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.