Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
圣马丁
دۇنيا تارىخى
سان مارتېن
(1778 - 1850) جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى داھىيلىرىدىن بىرى. ئارگېنتىنانىڭ ياپېيۇ (ھازىرقى كوربېنتېس ئۆلكىسىدىكى سان مارتېن)دىكى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىچى ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەككىز يېشىدا ئىسپانىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، مادرېد ھەربىي مەكتپىدە ئوقۇغان. 1789 - يىلدىن كېيىن ئىسپانىيە ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولۇپ، ئافرىقىدا ئۇرۇش قىلغان. 1808 - 1811 - يىللىرى ئىسپانىيەنىڭ ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، لېيتېنانت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1812 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئارگېنتىناغا قايتىپ كېلىپ، ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتناشقان، يۇئېنوس - ئايرىستا ئوقچى ئاتلىق ئەسكەرلەر جۈنتۈەنىنى تەشكىللەپ، 1813 - يىلى ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى لاپلاتا شتاتى ۋەتەنپەرۋەرلەرئارمىيىسى شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، مېندوزادا مەشھۇر ئاندېس ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، ئاكتىپلىق بىلەن چىلى ۋە پېرۇنى ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان. 1817 - يىلنىڭ بېشىدا قوشۇننى باشلاپ، ئاندېس تاغ تىزمىسىدىن ئۆتكەن. شۇيىلى 2 - ئايدا، چىلىنىڭ چىكابۇكو دېگەن يېرىدە، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سانتياگوغا كىرگەن. جەنۇبتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، 1818 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مائىپۇ دېگەن يەردە ئىسپانىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. بۇنىڭ چىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئونىگگىنسنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، 1820 - يىلى يەنە قوشۇن باشلاپ، دېڭىزدىن پىرۇغا بېسىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى 7 - ئايدا، لىمانى قولغا كەلتۈرۈپ، پېرۇنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت نىجاتكارى ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان ھەمدە باشقا ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.1822 - يىلى 7 - ئايدا كۋاياكىلغا بېرىپ بولىۋار بىلەن كۆرۈشكەندە، پىكىر ئىختىلاپى پەيدا بولۇپ، خىزمتىدىن ئىستىپا بەرگەن. كېيىن فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ يەردە تۇرغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
圣马丁〈加勒〉
shèng mǎ dīng
سىنت مارتېن
shèng mǎ dīng
سىنت مارتېن
shèng mǎ dīng
سىنت مارتېن