Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
生理光学
پسىخولوگىيە
فىزىئو - فوتولوگىيە
( فىزىئولوگىيە - نۇر ئىلمى ) بۇ ئادەم بەدىنى، بولۇپمۇ كۆزگە چۈشكەن نۇرنىڭ رولى ۋە تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئاساسىي مەزمۇنى كۆرۈش سەزگۈسى، رەڭ سەزگۈسى ۋە خىيالىي سەزگۈلەردىن ئىبارەت. كۆرۈش سەزگۈسى جەھەتتە، ئادەم كۆزىنىڭ تور پەردىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا نۇر چۈشكەندە پەيدا قىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تەسىرىنى ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىككى كۆزدە ھاسىل بولغان سۈرىتىنى سىزىشنى تەتقىق قىلىدۇ. رەڭ سەزگۈسى جەھەتتە، كىشى كۆزىدىكى تور پەردە نېرۋىسىنىڭ تۈرلۈك رەڭلەر توغرىسىدىكى فىزىئولوگىيىلىك رولىنى شۇنىڭدەك رەڭ كورلۇق ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. خىيالىي سەزگۈ جەھەتتە، كىشى كۆزىنىڭ توغرا نەرسىلەرنى خاتا كۆرۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ. مەسلەن: شەيئىلەرنىڭ يىراق - يىقىنلىقى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى قاتارلىقارنى ناتوغرا مۆلچەرلەش ... لەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
فىزىكا
shēng lǐ guāng xué
فىزىئولوگىيە ئوپتىكىسى