Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
圣德太子
دىن
shèng dé tài zǐ
佛
بۇددا دىنى
شوتوكو تايشى
دۇنيا تارىخى
شاھزادە شوتوكۇ
(574 - 622) يەنە بىر ئىسمى شاھزادە ئۇمايادو. ياپونىيە تېننوسى يومىنىڭ ئىككىنچى شاھزادىسى. ئەسلى ئىسمى ئۇمادو يۇتاكا ئاكىجى. ۋەلىئەھد دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 592 - يىلى تېننوتاكاتوشى ئۆلتۈرۈلۈپ، تېننوسۇيكو (ئايال) تەختكە ئولتۇرغان. 593 - يىلى ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىنىپ، نايىپ بولغان. 603 - يىلى <12دەرىجىلىك ئەمەلدارلىق> (تۆھپىسىگە قاراپ ئۇنۋان بېرىش، ۋارىسلىق قىلىشقا يول قويماسلىق) تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاتا - بوۋىسىنىڭ دەرىجىسىگە ۋارىسلىق قىلىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى يىلى <17 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن> تۈزۈپ چىققان، نايىب بولغان مەزگىلدە <تېننو خاتىرىلىرى>، <دۆلەت خاتىرلىرى> قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنى تۈزۈپ چىققان. ئونونوئىموكونى سۈي سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قانات يايدۇرغان.جۇڭگوغا ئوقۇغۇچى ۋە راھىبلارنى ئەۋەتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇددا دىنىغا ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىپ، فالوڭ ئىبادەتخانىسى، تۆت ئاسمان ئىلاھى ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە <ئۈچ نوممەنىسىنىڭ شەرھى> دېگەن ئەسەرنى يازغان.