Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
圣诞岛
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرروژدېستۋو ئارىلى
ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي شىمالىغا، ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىن 360 كىلومېتىر جەنۇبقا جايلاشقان. جەنۇبىي كەڭلىك 101°36′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 105°40′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. مەيدانى 135 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3000 دىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خەنزۇلار، قالغىنى مالاي مىللىتى، ياۋروپالىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى تىك، پەقەت ئۇچار بېلىق قولتۇقى بويىدىلا پاراخوتلار توختىيالايدىغان ئورۇن بار. ئارالنى قېلىن ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ ئارالنى 1888 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر ئىگىلىگەن، 1900 - يىلى سىنگاپور تەركىبىگە قوشۇلغان. 1958 - يىلى ئاۋسترالىيىگە قايتۇرۇلغان. ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسى ھېسابلىنىدۇ. ئارالدا فوسفورلۇق مىنېرال كان بايلىقى مول. ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە بىرلىشىپ زور كۈچ بىلەن ئېچىپ پايدىلانماقتا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.