Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
生产方式
سودا,پۇل - مۇئامىلە
shēng chǎn fāng shì
ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىDئۇنىۋېرسال
shēng chǎn fāng shì
ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى
Dتاشيول قۇرۇلۇشى
shēng chǎn fāng shì
ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقرىش ئۇسۇللىرى
جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئەشيالارغا ئېرىشىش ئۇسۇللىرى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلار ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى زىددىيەتنىڭ بىرلىكىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭ ماددىي مەزمونى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولسا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي شەكلى؛ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدىك ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولسا نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا ھامان ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە قارىتا ئىلگىرلىتىش ياكى ئاستىلىتىش، ھەتتا توسقۇنلۇق رولىنى ئوينايدۇ. كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىغا چۈشەك بولۇپ قالغاندا، بۇخىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىددىيىتى مەيلى بالدۇر، مەيلى كېيىن بولسۇن ھامان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدا ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېكسىپلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە بۇ خىل ئۆزگىرىش سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەنىۋى تۇرمۇشلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكىچە ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىدا بەش خىل تۈپكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، يەنى: باشلانغۇچ كوممۇنا تۈزۈمى، قۇلدارلىق تۈزۈمى، فېئوداللىق تۈزۈمى، كاپىتالىزم تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى باشتىن كەچۈردى. كوممۇنىزم سوتسىيالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر.