Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
圣杯派
دىن
shèng bēi pài
基
خىرىستيان دىنى
كالىكس مەزھىپى، كالىكستىن مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس قەدەھ گۇرۇھى
گالىكستىنېس گۇرۇھى (Calix سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ <مۇقەددەس قەدەھ> دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅤⅩ ئەسىردىكى چېخ خۇس ھەرىكىتىدىكى مۆتىدىلچىلەر. مىسسا مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ پەقەت مۇقەددەس تەندىنلا بەھرىمەن بولماستىن، بەلكى مۇراسىمنى باشقۇرغۇچى مىسسىئونېرغا ئوخشاشلا مۇقەددەس تەن (پىشلاق) ۋە مۇقەددەس قان (ھاراق) دىن بەھرىمەن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. <مۇقەددەس قەدەھ> كە مۇقەددەس قاننى قۇيغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ، ئاساسەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئەركىن دىن تارقىتىپ، چېركاۋلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرىە قىلىپ، مىسىئونېرلارنىڭ ئىمتىيازىغا چەك قويۇپ، گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان چېخ مىللىتىنىڭ چېركاۋىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خۇس ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ئۇلاr تابور گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈ، پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى سىگىسمۇندنىڭ چېخلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى بىرلىكتە چېكىندۈرگەن. كېيىن كاتولىك دىنى كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن (<پراگا كېلىشىمى> گە قارالسۇن)، 1434-يىلى تابور گۇرۇھىنى باستۇرغان.