Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
圣保罗人捕奴队
دۇنيا تارىخى
سان - پاۋلولىقلارنىڭ قۇل تۇتۇش قوشۇنى
ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە برازلىيىدىكى سان -پاۋلولىقلارنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ئىندىئانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، قۇل قىلىدىغان يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى. ئومۇمەن، سان - پاۋلو رايونىدىكى ياۋروپا - ئىندىئان شالغۇت قان سېستىمىسىدىكى نەچچە مىڭ كىشى (قۇل تۇتۇش قوشۇنى ئەزالىرى، سان - پاۋلۇلىقلار ياكى مامېلۇكولار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مىسسىئونېر، ئايال، ھەربىي بايراق قاتارلىقلارنى بىللە ئېلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ئۈچ يىلدىن باش يىلغىچە يۈرۈش قىلىپ، يول بويى زور تۈركۈمدىكى ئىندىئانلارنى تۇتقۇن قىلىپ قۇل قىلغان، ئالتۇن گۆھەر ئىزدىگەن ياكى ئارىلىقتا يولدا ئولتۇراقلىشىپ كانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇلار شىمالدا ماديېرا ۋە تاپاژوس دەريالىرىنى بويلاپ،ئامازون دەرياسىغا يېتىپ كەلگەن، جەنۇبتا پارانا دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنى بويلاپ ئۇراگۋايغا كىرگەن، غەربتە ئۇرابۇپانگا شارقىراتمىسىدىن ئۆتۈپ، پاراگۋايغا قاراپ ئىلگىرلەپ، بۈگۈنكى برازىلىيىنىڭ ماتۇ - گروسۇ شتاتىنىڭ مەركىزى كۇباغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشى ئارقىسىدا،كۆپلىگەن ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياكى ئۇلار ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ھەيدىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى ئېچىلغان. ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى، پورتۇگالىيىنى توردېسللاس شەرتنامىسى چېگرا سىزىقىنىڭ سىرتىدىكى، ئەسلى ئىسپانىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىنىنى تەلەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.