Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
神风连之乱
دۇنيا تارىخى
ئىلاھپەرەستلەر توپىلىڭى
ياپونىيىدىكى كۇماموتو سامۇرايلىرىنىڭ يېڭىلىق ھۆكۈمىتىگە قارشى توپىلىڭى. 1872 - يىلى ئوتاگورا توموئو (1835 - 1876) قاتارلىق كۇماموتو سامۇرايلىرى ئىلاھپەرەستلەر بولۇپ تەشكىللەنگەن. كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشكە قارشى چىققان. ھۆكۈمەت <قىلىچنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى> (سامۇرايلارنىڭ قىلىچ ئېسىشىنى مەنئى قىلىش) جاكارلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، 1876 - يىل 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئوتاگورا قاتارلىق 170 تىن ئارتۇق ئادەم كۇماموتودا ئەسكەر توپلاپ، توپىلاڭ قوزغاپ، باسقاقبەگ ئىروتاماسائالى بىلەن ناھىيە ئامبىلى ياسۇئوتامىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئىككىنچى كۈنى توپىلاڭ باسقاقبەگنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، توپىلاڭچىلارنىڭ كۆپ قىسمى جەڭدە ئۆلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.