Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەجەرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەلۇم بىر ئۇرۇق - ئەۋلادنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت تارىخى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جۇرۇڭقاي، نەسەب تارىخى، بىراۋنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى تەرتىپى بىلەن يېزىلغان قەغەز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئۇرۇق - ئەۋلاد، نەسەبنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆزئارا قېرىنداشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان رويىخەت.
«جورۇڭقاي» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
شەجەر يېزىش بىر مىللەت، بىر ئۇرۇق ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە. قارا خانىلار خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى بار، ئەمما تولۇق ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر ئۇرۇق ئەۋلادلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق دەرىجىسىنى رېتى بويىچە ئىزچىل يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگۈچى رويخەت، تارىخ؛ نەسەبنامە.
كۆكەنىڭ قەھرىمان ئوفىتسېر بولۇپ يېتىلىشىمۇ ئۇنىڭ شەجەرىسىدىن مىراس بولۇپ قالغان.
<بىئول> تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىش سىستېمىسى ياكى مەلۇم بىر ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋلادلىرىغا ئائىت خاتىرىلەر.