Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەھسۇۋار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئات مىنىشكە ئۇستا، چەۋەنداز:
مەھبۇبە، سۆيگەن يار:
ئاقتابى ئاسامنى مەئرىفەت چەكمەس ئەلەم،
لامەكان سەر ھەددىدە بىر شەھسۇۋارى بولماسا.
زەلىلى.
2. قىلمادىم جانىم فىدا ئالدىڭدا، ئەي سەرۋى رەۋان،
ئىچىمە قالدى نەدامەت، شەھسۇۋارىم بىلمەدىم.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چەۋەنداز، ئات مىنىشكە ماھىر؛ ئاتلىق شاھ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: يولىدا تۇپراق ئولايىن ئات ئۈچۈن، تا ماڭا قىلغاي گۈزەل ئول شەھسۇۋاز. (لۇتفى).