Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شەھەر پۇقرالىرى ئۇيۇشمىسى
دۇنيا تارىخى
市民会
shì mín huì
پراگا شەھەر پۇقرالىرى بىرلەشمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1846 - يىلى چېخنىڭ پراگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئا سىياسىي تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى، ئاۋسترىيە مەركىزىي ئىمپېرىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئاز تولا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ياكى بىر ئىمپېرىيە ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1848 - يىلى 3 - ئايدا، پراگا خەلق قوزغىلىڭىنى مۇرەسسەچىلىك يولىغا باشلىغان. 6 - ئايدا ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش مەيدانىغا ئۆتۈپ كەتكەن. 7 - ئايدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنتى سايلىمىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن پالاتىسكىي قاتارلىق كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.