Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەددات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغان، كىشىگە زۇلۇم سالىدىغان كىشى.
زالىمنى پەقەت زالىم جازالايدۇ. زالىم ھەممىدىن بەتتەر قورقۇنچاق. ئەزگۈچى بىلەن مۇرەسسە قىلىش _ جىنايەت. زومىگەرنىڭ غەلبىسى ئۇزۇنغا بارماس. زومىگەرنىڭ قولىدىكى بىلىم _ مەستنىڭ قولىدىكى قېلىچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. قەدىمكى زاماندا يەمەن ۋىلايىتىدىكى ئاد قوۋمىنىڭ بىر پادىشاھى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ بىر باغ ياساپ، ئۇنى جەننەت دەپ ئاتىغانمىش ھەم خۇدا بىلەن خۇدالىق تالاشقانمىش، قول ئاستىدىكى پۇقرالارنى ئۆزىنى خودا دەپ ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغانمىش: <تەۋرات> تا.
<شەددات ياسىغان باغى ئېرەمدە (ئۆلمەسلىك ئالمىسى) ناملىق بىر مېۋە بار> دېگەن رىۋايەت يېزىلغان.
سۈپ. كۆچمە. شەپقەتسىز، زالىم؛ جاھىل، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان.
قۇرداش دېگەن شۇنداق شەددات بولارمۇ؟ ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىنى ئويارمۇ؟