Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
沙枣
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
shā zǎo
جىگدەDئۇنىۋېرسال
shā zǎo
جىگىدەDيېزا ئىگىلىك
shā zǎo
چىلان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
قاغا جىگدە
بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىگدىگە ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك
دەرەخ. غولىدا تىكىنى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى كۈمۈش رەڭلىك، خۇش بۇي پۇرايدۇ. مېۋىسى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ،
پىشقاندا قىزىرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىز پوستى ۋە يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا قېقىپ مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ،
يىلتىز پوستىنى خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يېلىم چىقارغاندا غول شاخلىرىدىكى يېلىمىنى قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
مەنىي تۇتۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھەيزنى تەڭشەش، سۈيدۈكنى
راۋانلاشتۇرۇش.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
قاغا جىگدىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى، ئىچ سۈرۈش، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغان
يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
25 گرام قاغا جىگدە يېلىمىنى 10 گرام زەمچە، 12 گرام رويان، 15 گرام ئىتياڭىقى ئۇرۇقى، 30 گرام ماگنىي سۇلفۇر بىلەن بىللە سوقۇپ،
بۇنىڭغا ئالتە تال تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ تاڭسا تېڭىپ بەرسە، سۇنۇققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاغا جىگدە يېلىمىنى چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچنى قارايتىپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قاغا جىگدىسىنى دەملەپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەكنى ئاجىزلىقى، ئىچ سۈرۈش، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
جىگدە
بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىلىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىغانغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ،
يېڭى نوتىلىرى كۈل رەڭ كېلىدۇ، يوپۇرمىقى تىمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلىنىڭ سىرتى كۈل رەڭ، ئىچى سېرىق كېلىدۇ، پۇرايدۇ؛ ئۈچكىلىك
مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە چېچىكى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك چېچەكلىگەندە چېچىكىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ،
ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى
توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنىينى تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 تال، 5 ~ 10 ياشقىچە
بولغانلارغا 15 ~ 03 تال، 10 ~ 20 ياشقىچە بولغانلارغا 30 ~ 40 تال، چوڭلارغا 50 تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
جىگدىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغانزۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بەدەننى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كېسەللىكى، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدە چېچىكىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە ئاجىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدىنىڭ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچ
سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ