Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
沙文主义
ئۇنىۋېرسال,مائارىپ
shā wén zhǔ yì
شوۋىنىزم
دۇنيا تارىخى
شوۋىنىزم
فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي ئاتالغۇ بولۇپ، ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى شوۋىن دېگەن ئەسكەرنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت ۋە بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە ئۆتكەن ئەسكەر نىكولاس شوۋىن ناپولېئونغا بەكمۇ چوقۇنىدىكەن، گەرچە يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ناپولېئوننىڭ ئۇرۇش تۆھپىسىنى دائىم ماختاپ يۈرىدىكەن ھەمدە ئۆزىگە بېرىلگەن ھەربىي خىزمەت ئوردىنى ۋە ئازغىنا ھەربىي تەمىناتتىن مەمنۇن بولۇپ ئالچاڭلاپ يۈرىدىكەن. ئۇ ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى بەزى ھەجۋى كومىدىيە (مەسىلەن: <دېھقان ئەسكەر>، <ئۈچ خىل رەڭلىك كاكار> قاتارلىقلار)دىكى قەھرىمانغا ئايلانغان. شوۋىنىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاخبارات ۋە سىياسىي ساھەدىكىلەر قوبۇل قىلغان بولۇپ، مەنىسى ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىك ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ⅨⅩ ئەسىردە ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان مىللىي ئۇرۇش ۋە جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى شوۋىنىزملىق كەيپىياتنى ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.