Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاۋ ۋۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى فۇجەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋ ۋۇ شەھىرىدىكى ۋۇلۇڭجىن كوچىسىدا. بۇ مەسچىت يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان. كېيىن ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ كەتكەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرى يىنفېڭ بازىرىنىڭ تىنچلىق كوچىسىغا يۆتكەلگەن. 1983 - يىلى رېمونت قىلىنغان. نامازخانا، دەرسخانا، ياتاق، مۇستەھەپخانا، ئاشخانا چوڭ ھويلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسچىتنىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەرلەردە گۈل - گىياھلار ئۆستۈرۈلگەن. نامازخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئوڭ تەرەپتە يان ھويلا بولۇپ، بۇ ھويلىدا ئۈچ قەۋەتلىك مىئزەنە بار. مىئزەنەنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئارقا ھويلا بولۇپ، ھويلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ خەير - ساخاۋەت ئامبىرى، باغچا بار. تاملىرى ئېگىز، كاتتا سېلىنغان.