Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاتلىق
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى مۇرۇماچى دەۋرىدە شەكىللەنگەن بىرخىل سەھنە ئويۇنى. ئۇ ئېتىز شاتلىقى، مايمۇن شاتلىقى قاتارلىق سەھنە ماھارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ ھاسىل قىلىنغان. ئېتىز شاتلىقى - ياپونىيىدە شال تىكىش، مول ھوسولنى تەبرىكلەش ۋاقتىدا ئوينىلىدىغان مىللىي ئۇسۇل. مايمۇن شاتلىقى ئەسلى نەسرىي شاتلىق دەپ ئاتالغان، دۇئا - تىلاۋەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كۈلكىلىك ئۇيۇنلارمۇ تۈزۈلگەن. ئۇ ئىككىسى پىڭئەن دەۋرىدە، كاماكۇرا دەۋرىدە خېلى ئەۋج ئالغان ھەم بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇروماچى دەۋرىگە كەلگەندە كانئامى، سېئامى ئىجاد قىلغان. <ئەمەلدارلار>، <ۋەھىمە> ۋە <يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى> قاتارلىق روللار بولغان. مۇزىكىلىرىدىن نەي، چوڭ دۇمباق، كىچىك دۇمباق قاتارلىقلار بار. سامۇراي مۇراسىملىرىدىن باشقا،گۇەنشى، باۋشىڭ، جىنگاڭ ۋە جىنچۈن ئولتۇرۇشلىرىدا دائىم بۇ ئويۇن ئوينىلىدۇ.