Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
莎士比亚
دۇنيا تارىخى
شېكېسپېر
(1564 - 1616) ئەنگلىيە دراماتورگى، شائىرى. ستراتفورد بازىرىدىكى بىر باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا ئۆز يېزىسىدىكى بىر مەكتەپتە لاتىن يېزىقى ۋە قەدىمقى يۇنان يېزىقىنى ئۆگەنگەن، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تەخمىنەن 1585 - يىلى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن، لوندونغا بېرىپ تېرىكچىلىك قىلغان. تىياتىرخانىنىڭ قارا خىزمەتچىسى، ئارتىس بولغان. كېيىن سەھنە ئەسىرى يېزىشقا بېرىلگەن. تەخمىنەن 1612 - يىلى يۇرتىغا قايتقان. نۇرغۇنلىغان داستان، شېئىر ۋە درامما يازغان. ھازىر 14 مىسرالىق شېئىرىدىن 154 پارچىسى ساقلانماقتا. درامىسى 37 بولۇپ، ئاساسلىقى تارىخىي درامىلىرىدىن <ھىنرى Ⅵ >، <ھىنرى Ⅳ >، <رىچارد Ⅱ دەۋرى>، <رىچارد Ⅲ دەۋرى>،<پادىشاھ جۈن>، <ھېنرى Ⅷ> قاتارلىقلار؛ كومىدىيىدىن <ياز كىچىسىدىكى چۈش>، <بىكارچىنىڭ چولىسى يوق>، <ۋېنېتسىيە سودىگىرى> قاتارلىقلار؛ تراگىدىيىدىن <رومىئو - جولېتتا>، <خاملېت>، <ئوتېللو>، <پادىشاھ لىر> قاتارلىقلار؛ رىۋايەت ئەسەرلىرىدىن <بوران - چاپقۇن> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدەⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅦⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكى، قاراڭغۇلۇقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ بايلىق ھەم ھوقۇققا بولغان ئىنتىلىشىچوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن؛ گومانىتارلىق، ئادەمنىڭ كۈچىگە ئىشىنىش، كىشىلىك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش تەرغىپ قىلىنغان، خاسلىق ئازادلىقى، نىكاھ ئەركىنلىكى تەشەببۇس قىلىنغان؛ ھەققانىيەت مەدھىيلەنگەن، شېكېسپېرنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە ۋە ھەتتا ياۋرۇپا ئەدەبىياتى ۋە تىياتىرنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىستېتىكا
shā shì bǐ yà
شېكېسپېر (1616 - 1564)، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەنگىلىيىلىك دراماتۇرگ.Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
shā shì bǐ yà
شېكسپېر