Uyghurئاساسىي لۇغەت
شارنھۇرىست
دۇنيا تارىخى
(1755 - 1813) گېرمانىيىلىك ھەربىي ئالىم. پرۇسسىيە گېنېرالى. 1778 - يىلىدىن باشلاپ ھاننوۋېر ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1801 - يىلىپرۇسسىيە ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1802 - يىلى پۈتۈن گېرمانىيە باش ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1802 - يىلى ئاقسۆڭەك قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1806 - يىلى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا گېرتسوگ براينىشۋېيگ ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1807 - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ھەربىي ئىشلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە ناپولېئون Ⅰ نىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى تىزگىنلىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، گېنېسېناۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ھەربىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، <تېز پۈتتۈرۈش ئەسكىرىي تۈزۈمى>نى بەرپا قىلغان. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ناپولېئوننىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى تىزگىنلىۋېلىشىنى تارمار قىلغان. 1811 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمتىنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. 1813 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىدا پرۇسسىيە مارشالى بلۇخېر ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان، شۇ يىلى 5 - ئايدىكى جەڭدە ئېغىر يارىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلگەن.