Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شارىك قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
舍里克起义
shě lǐ kè qǐ yì
تەخمىنەن مىلادى 751 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا رايونىدا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان قوزغىلاڭ. رەھبىرى شارىك ئىسلامدىنى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئەسلى بۇخارادىكى ئەرەب ئارمىيسىدە ھەربىي بولغان، ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 507 - يىلى ئابباسىيلار خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى يەنىلا ئېغىر فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمىغائۇچرىغان. شارىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقان دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر 30 مىڭ كىشىگە يەتكەن، قوزغىلاڭچىلار بۇخاراغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان خەلىپە ئارمىيسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئاچلىقنىڭ قىستىشى بىلەن نۇكېندې كەنتىگە يۆتكەلگەن. كۆپ ئۆتمەي شارىك جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.