Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاپ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىتتىك، تېز، ئۆتكۈر: شاپ پىچاق - ئىتتىك پىچاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تېز، ئىتتىك: شاپ بولاڭ _ تېز بولۇڭ.
شىۋىلەر
قىلىچ، ئۇزۇن پىچاق.
شىۋىلەر
چۆللەردە ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شاپ، پات، تېز، چاپسان.
ئەرەپچىدىكى «» دېگەن سۆزگە ئوخشاش. شاپ كەل _ پات كەل.
1 - 418
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شاپ.
شاپ شاپ _ شاپ - شۇپ، شاق - شاق. ئول ئانى شاپ شاپ بويۇنلادى _ ئۇ ئۇنىڭ بوينىغا شاق - شاق ئۇردى، يەنى شاپىلاقلىدى. ئول قاغۇنۇغ شاپ شاپ يېدى _ ئۇ قوغۇننى شاپ - شۇپ يېدى، شاپتۇل ۋە باشقا سۇلۇق نەرسىلەرنى شىپىلدىتىپ يېيىشكىمۇشۇنداق دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەرەپچىدىكى «» گە ئوخشايدۇ. ئۇ كالپۇكىنى تامشىغاندا چىققان تاۋۇشنى بىلدۈرىدۇ.
3 - 199
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غولللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسىنىڭ بەش تال قانىتى بولىدۇ. ئادەتتە قۇرغاق، شېغىللىق ۋە شورلۇق جايلاردا ئۆسىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
يۇمشاق بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر نەرسىگە تېزلىك بىلەن تېگىپ چاپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۇ چاغدا ئىستاتورغا <شاپ> قىلىپ دەسسەيمىز - دە، گۈركىرىتىپ كېتىۋېرىمىز.
گۆش قاتارلىق بەزى تاماقلارنى چاينىغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئاۋاز.
ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەتتا غىزا چايناشلىرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى، بەزىلىرى چىپ - چاپ قىلىپ قاتلىما چايناۋاتاتتى، بەزىلىرى ھېلى شاپ، ھېلى شۇپ قىلىپ، خۇشياقمىغان ھالدا گۆش چايناۋاتاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان ھالەتتە سوقۇلغان بىر خىل قىلىچ.
سۈپ. شۇ خىل قىلىچ شەكلىدە قويۇلغان ياكى شۇ خىل قىلىچ شەكلىدىكى.
شاپ بۇرۇت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
تېز، ئىتتىك.