Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
上奥地利农民起义
دۇنيا تارىخى
يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى
يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلىرى 1626 - يىلى باۋارىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ. 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) پارتلىغاندىن كېيىن، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى فېرناندو Ⅱ 1620 - يىلى يۇقىرى ئاۋسترىيىنى باۋارىيىنىڭ كىنەزى ماكسىمىلىيان Ⅰ نىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ماكسىمىلىيان باش ۋالىي ئەۋەتىپ، يۇقىرى ئاۋسترىيىنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى خالىغانچە تارتىۋالغان. پىروتېستانتلارنى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبور قىلغان. باۋارىيىنىڭ ئەسكەرلىرى بارغانلىكى يەردە ئەسكىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دېھقانلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان. قوزغىلاڭ 1626 - يىلى 5 - ئايدا پارتلىغان. ئۇنىڭغا دېھقانلاردىن باشقا، يەنە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە پىروتېستانتتىكى بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسى ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان ستفېن فادىنگېر ئىدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا لىنزدىن باشقا پۈتكۈل يۇقىرى ئاۋسترىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 7 - ئايدا فادىنگېر ئوق تېگىپ ئۆلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىناقسىزلىق يۈز بەرگەنلىكتىن، كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. فېرناندو Ⅱ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باۋارىيىنىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى ئاۋسترىيىگە ياللانما ئارمىيە ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنغا بېسىم ئىشلەتكەن. سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن كەينى - كەينىدىن تارقىلىپ كەتكەن. شۇ چاغدا باۋارىيىنىڭ كۆپلىگەن قوشۇنلىرى يۇقىرى ئاۋسترىيىگە كىرىپ، قوزغىلاڭچىلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرغان. 12 - ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.