Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
山本五十六
دۇنيا تارىخى
ياموموتوسىئوروكى
(1884 - 1943) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. نىگاتا ناھىيىسىدىن. 1911 - يىلى دېڭىز ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، دېڭىز ئارمىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. 1933 - يىلى بىرىنچى ئاۋىئاتسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان، 1935 - يىلى ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1936 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1939 - يىلى بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1940 - يىلى دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى بولغان. 1941 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - ۈكنى پىئورىل - خارىبور تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 1943 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئايروپىلان بىلەن جەنۇبتىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سولومىن تاقىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئامرىكا ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلگەندىن كېيىن مارشال دېگەن نام بېرىلگەن.