Uyghurئاساسىي لۇغەت
شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىدىغان گۈل
دائىرە: بىئولوگىيەچاڭلىشىشنى شامال كۈچى ئارقىلىق تاماملايدىغان گۈل. شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىدىغان گۈلى بولغان ئۆسۈملۈك شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قارىغاي، شەمشاد كۆممىقوناق، تېرەك، سۆگەت، قېيىن قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكى؛ گۈلى كىچىك بولىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى بولمايدۇ، ياكى گۈل يېپىنچىسىنىڭ رەڭگى روشەن بولمايدۇ؛ خۇش پۇرىقى ۋە ھەسەل بېزى بولمايدۇ؛ گۈل چېڭى قۇرۇق، يېنىك ھەم كۆپ، سىرتقى پوستى سىلىق بولۇپ، شامال بىلەن ئاسان تارقىلىدۇ، ئانىلىق ئاغزى كېڭەيگەن بولۇپ، گۈل چېڭىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.