Uyghurئاساسىي لۇغەت
شامال تەگمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تېب> شامالداش تۈپەيلى بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولماق، ئاغرىپ قالماق.
- تاماقنى يەپلا سىرتقا چاپقىنىنى، - دېدى دادام ئىنىمنى توسۇپ، - تەرىڭ قۇرۇماستا سىرتقا چىقساڭ، شامال تېگىپ قالمامدۇ؟
كۆچمە. بىرەر نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زىيان تارتماق.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھالالل ئەمگەك مېۋىسىگە شامال تېگىدىغانلىقىنى جەزم قىلغانىدى.