Uyghurئاساسىي لۇغەت
شالغۇت
بىئولوگىيە
گېن تىپلىرى ئوخشىمايدىغان ئەجدادلارنىڭ چېتىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئەۋلاد.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ <بىئول> ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان؛ مېتىس.
شالغۇت خوراز. شالغۇت زىگوتا. شالغۇت كالا.
ئى <بىئول> ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئىككى ئىككى خىل سورتنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىققان يېڭى بىر خىل سورت. بۇنىڭدا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.
شالغۇت ئەجدادى. شالغۇت ئەۋزەللىكى.
سۈپ. ئوخشاش بولمىغان ئىرق ياكى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان.
پۇرومى پوپ شالغۇت ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ داىسى ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغانىكەن، چوڭ ئانىسى يەھۇدىينىڭ قېنى ئارىلاشقان بېلگىيىلىك ئايال ئىكەن.