Uyghurئاساسىي لۇغەت
شالاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەق. سۇيۇقلۇقلارنىڭ يەر يۈزىگە بىردىنلا تۆكۈلۈشىدىن ياكى چايقىلىشىدىن ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ سۇيۇقلۇقلارغا قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۇ جاسۇسنىڭ يۈزىگە شالاق قىلىپ تۈكۈردى - دە، ئۇ يان - بۇ يان قاراپمۇ قويماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
سۈپ. كۆچمە. ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ كاردىن چىققان، دېتاللىرى بوشىشىپ ئەسكىرەپ كەتكەن، كونا؛ كارغا كەلمەيدىغان؛ ئەبجەق.
ئۇنىڭ بۇ شالاق ماشىنىسىغا مېنى يولۇقتۇرۇپ قويغان خۇدادىن رەنجىدىم، بىراق ئامال يوق - تە!