Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاھ ۋەلى ئەللاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1703 - 1762) ئىسلام ئۆلىماسى، ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى. دېھلىدىكى دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما. شاھ ۋەلى ئەللاھ چوڭ بولغاندىن كېيىن، دادىسى ئاچقان ئىسلام مەدرىسىدە مۇددەرىس بولدى ھەمدە نەقىشبەندىيەگە قاتناشتى. 1731 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. 1733 - يىلى قايتىپ كېلىپ سىرھىندىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> نى ۋە فىقھەنى ئاساس قىلىپ، ئىماننى پاكلاپ، جەمئىيەتتە ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> ۋە <ۋەھدە ئەل شۇھۇد> نى مۇرەسسە قىلىپ، ئەقىدە، فىقھە ۋە سوپىزمنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى يېقىنقى زاماندىكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. 1737 - يىلى شاھ ۋەلى ئەللاھ پارس تىلىدا <فەتەھەئەل قۇرئان> ناملىق ئەسەر يازدى. بۇنىڭدىن باشقا، <كابىلنىڭ غەلىبىسى>، <ئاللانىڭ دەلىلى> ناملىق ئەسەرلەرنى يازدى.