Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شاھرۇخ مىرزا
دائىرە: دۇنيا تارىخى沙哈鲁
shā hā lǔ
(1377 - 1447) تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى (1405 - 1447). تېمۇرنىڭ ئوغلى. 1397 - يىلى، خوراسان ئەمرى بولۇپ ھېراتتا تۇرغان. 1405 - يىلى تېمۇر ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۆزئارا تەخت تالاشقان. 1409 - يىلى شاھرۇخ ئوتتۇرائاسىياغا ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، سەمەرقەندنى ئېلىپ، ئىچكى جېدەل - ماجىرالارنى تىنجىتقان. سەمەرقەندنى ئوغلى ئۇلۇغ بەككە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ئۆزى ھېراتنى پايتەخت قىلىپ تۇرغان. ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىغا ئىلھام بەرگەن، ئوردا ۋە مەسچىتلەرنى سالدرۇغان، ھېراتنى ئەينى زاماندا مەشھۇر ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇ كۆپ قېتىم قارا قويۇنلۇخاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەل بولۇشقا مەجبور قىلغان. جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسى بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.