Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاھراستانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ فەتھتاجىدىن مۇھەممەد شاھراستانى، 1076 - 1153) ئىسلام ئۆلىماسى ۋە مەشھۇر ئىمام. خۇراساندىكى شاھراستاندا دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇستىكى ئەبۇ مۇزەففەر. قۇسايىل ۋە مۇرتەزا ئەنسارىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىلمىي تەۋھىد ۋە ئىلمىي فىقھە جەھەتلەردە بىلىم ئاشۇرۇپ، 17 پارچە كىتاب يازغان. <كىتاب ئەل مىلال ۋە ئەل نىھان> (ئەقىدە ۋە مەزھەپ) ناملىق ئەسىرى ھەر خىل دىنلارنى، مەزھەپلەرنى ۋە بىدئەتلىكنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش بىلەن مەشھۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، <ئىلمىي تەۋھىد بىلىملىرىنىڭ چېكى>، <پەيلاسوپلارنىڭ جارى قىلدۇرۇشى>، <ھەق يول ۋە سۈرە - ئايەتلەر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. تۇغۇلغان يېرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.