Uyghurئاساسىي لۇغەت
شافىئىييە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى فىقھە ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەنەفىيە، مالىكىيە، ھەنبەلىيەلەر بىلەن بىر قاتاردا سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنى Ⅸ ئەسىردە مالىكنىڭ شاگىرتى پەلەستىنلىك ئىمام شافىئىي بەرپا قىلغان. بۇ ئېقىم فىقھە ئەھكاملىرىنى تۈزگەندە ھەنەفىيە ۋە مالىكىيەنىڭ ئارتۇقچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام تۈزۈشكە ھەم قىياس بويىچە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بىلەن ئىنساننىڭ ئىدراك پائالىيىتى ئىدراك پائالىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەپ، <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس، ئىجمائ، قىياستىن ئىبارەت فىقھەنىڭ تۆت چوڭ مەنبەسىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئېنىق، سىستېمىلىق شەرھلەپ، ھەدىس تەرەپدارلىرى بىلەن پىكىر تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇسۇلى فىقھى تالاش - تارتىشنى پەسەيتىپ، فىقھەنىڭ ئەمەلىيلىكىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. بۇ ئېقىم ئىجمائنى مەلىكىيەدىنمۇ كەڭ تەتبىق قىلدى. مەدىنە ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائسى بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. قىياس ئۇسۇلىنى ھەنەفىيەدىنمۇ قاتتىق تەتبىق قىلدى. شەخسنىڭ پىكرىدە ئىختىيارلىق كۆرۈلىدۇ، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قاتتىق بەلگىلەنگەن قىياس ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە قىياس ئىدراكنى تەتبىق قىلىشنىڭ قوللىنىشقا بولىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇلى، دەپ قارىدى. بۇ ئېقىم <قۇرئان كەرىم> دىن قالسا، ھەدىس فىقھەنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئورنىنى ۋە رولىنى ناھايىتى كۈچەيتتى. ئىمام شافىئىييىنىڭ <رىسالە> ۋە <كىتابۇل ئۇمم> ناملىق ئەسەرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەل نىسائى (؟ - 915)، ئەشئەرى ماۋەردى (؟ - 1058)، ئەل شىرازى (؟ - 1083)، غەززالى، ئەل رافىئىي (؟ - 1226)، ئەل نەۋەۋى (؟ - 1277) قاتارلىق كىشىلەر بۇ ئېقىمدىكى مەشھۇر فەقىھلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمدىكى مەشھۇر فەقىھلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىم مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، شەرقىي ئافرىقا، مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا تەرەققىي قىلدى.