Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىڭ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نام خەنزۇ تىلىدىكى <升> دىن كەلگەن بولۇپ، بىر كۈرىنىڭ 10 /1 ىگە تەڭ ئىكەن. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <بىر شىڭ ئۆچكە سۈتى> دېگەندەك ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: < بىر شىڭ بىر لىترغا باراۋەر؛ بىر كۈرە 10 شىڭغا تەڭ؛ بىر شىڭ 10 ئوچۇمغا تەڭ> دېيىلگەن. <سىخەي> دە: <قەدىمدە 80 ئورام رەخت بىر شىڭغا تەڭ بولاتتى> دېيىلگەن. قارىغاندا <شىڭ> قەدىمدە ھەم سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچىگەندە قوللىنىلىدىغان، ھەم رەخت ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ئاشلىقنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سايمان، ئادەتتە بىر شىڭ ئون ئوچۇمغا تەڭ بولىدۇ.
ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بەش شىڭ تېرىق. تۆت شىڭ گۇرۇچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
سۇيۇقلۇقلار قىزىپ قايناشقا يېقىنلاشقاندا ياكى پەس قايناۋاتقاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز.