Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەزگۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى تېز سەزگۈچى، تۇيغۇچى.
سەزگۈر كىشى زىيان - زەخمەتكە ئاز ئۇچرايدۇ. تۇيغۇن يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى ئۆتكۈر، سەزگۈ - تۇيغۇسى ئىتتىك. ئىش - ھەرىكەتنى تېز ۋە ئاسان بىلىۋالىدىغان.
بىخۇت، گاراخ، گاراڭ
ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىش - ھەرىكەتنى ئاسان سەزمەيدىغان.
يالغۇز يۈرگەن ھوشيار بولسا، باياۋاندىمۇ بۆرىگە يەم بولماس. بىخوت يىگىت بېشىنىڭ نەدە كېسىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرقانداق سەزگۈر ئادەممۇ دۈمبىسىنى كۆرەلمەس. ساقىي بولساڭ، ساق بول. تۇيغۇن تۇيدۇرمايدۇ، گاراڭ گاڭگىرايدۇ. ئىسلام يەر تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان تۇيغۇن يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سېزىش ئىقتىدارى، سېزىمچانلىقى كۈچلۈك؛ تاشقى تەسىرنى تېز سېزىدىغان، سېزىمچان.
سەزگۈر ئىت.
ئادەمنىڭ قۇلىقى، بۇرنى، تىلى، كۆزى ۋە تېرىسى ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ.
زېرەك، ھوشيار.
ئۇ، ناھايىتى سەزگۈر، چېچەن، ئەقىللىق قىز ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سەزگۈر، چېچەن كىشى.